Uyghur主要词典
سىغماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
سىغماق، جايلاشماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جايلاشماق، ماس كەلمەك.
بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا موزايبېشى بوش كەلدى. ئالەمگە پاتماي كەتمەك. بېشىڭ سىغمايدىغان يەرگە ئۇرۇنما. بەش قول ئېغىزغا سىغماس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ماسلاشماق، مۇۋاپىق كەلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم بىر دائىرە ئىچىگە ئورۇنلاشماق، جايلاشماق، پاتماق.
بەش قول ئېغىزغا سىغماس (ماقال).
ئىككى قىلىچ بىر غىلاپقا سىغماس (ماقال).
مۇۋاپىق، ئۇيغۇن، ماس، لايىق كەلمەك.
سۆز قىل سىغار يەرگە، سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە (ماقال).
ياراشماق، ماس كەلمەك (كىيىم - كېچەك ھەققىدە).
كۈل رەڭ كىيىملەر ساڭا تازا سىغمايدىكەن، ئەڭ ياخشىسى سەن قارا رەڭلىك رەختتىن كىيسەڭ بولغۇدەك.