Uyghur←Chinese主要词典
سەئۇدى - بەھرەيىن كۆۋرۈكى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
沙特巴林大桥
shā tè bā lín dà qiáo
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پېرسىيە قولتۇقىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت بەھرەيىننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ كۆۋرۈك 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ ياسىلىپ، 1987 - يىل 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پۈتكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر، كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ چڭوقۇر سۇلۇق قىسمىدا 536 سېمونت تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. ئىككى دۆلەتنىڭ سۇ چېگرىسى قىسمىدا 650 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق سۈنئىي ئارال ياسالغان. بۇ ئارال ئىككى دۆلەتنىڭ سۇدىكى چېگرىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە تەۋە بولغان قىسمىغا چېگرامۇداپىئە پوسلىرى، تاموژنا ئورۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆwرۈكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايرىم كۆۋرۈك تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئارىلىقى 150 مېتىر، ئلېگىزلىكى 28.5 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جايلاردىن ھەرخىل تىپتىكى پاراخوتلار بىمالال ئۆتەلەيدۇ. ھازىر كۆۋرۈكتىن كۈنىگە قاتناپ ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىل 2500 دىن ئاشىدۇ، مۆلچەر بويىچە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھەر كۈنى قاتنايدىغان ئاپتوموبىل 26 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ كۆۋرۈك <20 - ئەسىردىكى چوڭ مۆجىزە> دەپ تونۇلماقتا.