Uyghur主要词典
سەئىدىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دېھىلى سۇلتانلىقىنىڭ 4 - سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى تۇغلۇق سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە خىزىرخان (1414 - يىلىدىن 1421 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھوقۇق تارتىۋېلىش كۈرىشى داۋامىدا قۇردى. ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دېگەنلىكتىن، سۇلالە نامى سەئىدىيە سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. دېھلىنى پايتەخت قىلدى. دەسلەپ ھوقۇقى دېھلى ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەن چەكلەندى. جۇمنا دەرياسى ۋە گانگ دەرياسى ۋادىسىدىكى ھىندىلارنىڭ مالىمانچىلىقلىرىنى كۆپ قېتىم باستۇردى. خىزىرخاننىڭ ئوغلى مۇبارەك شاھ (1421 - يىلىدىن 1434 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋردە پەنجاب كوكارلىرىنىڭ توپىلىڭىنى مەغلۇپ قىلدى. مېۋاتنى قولىغا ئالدى. كاتخال، ئىتۋا ۋە گۋارولنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنى ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. پەنچابنى ۋە شىمالىي شتاتنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. مۇبارەك شاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جىيەنى مۇھەممەد بىننى فەرىد (1434 - يىلىدىن 1444 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. تەرەپ - تەرەپتىن توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، سالسىنددىكى لۇدىلارنىڭ ئاقساقىلى بەھلۇل لۇدھىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. بەھلۇل لۇدھى توپىلاڭچىلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن، تەختنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، 1443 - ۋە 1447 - يىللىرى دېھلىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدى. لۇدىلارنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سۇلتان ئالەم شاھ (1444 - يىلىدىن 1451 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) پايتەختنى باداۋىنغا يۆتكىدى. بەھلۇل لۇدھى 1451 - يىلى دېھلىدا تەختكە چىقتى. سەئىدىيە سۇلالىسى ھالەك بولدى.