Uyghur主要词典
سەئدىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈرىيىدىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قېرىنداش تەشكىلى بولۇپ، <جىباۋىيە پىرقىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ پىرقىنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى گەپلەر ھەر خىل. بەزىلەر بۇنى سەئدىددىن جىباۋى يۇنۇس شەيبانى (؟ - 1335) دەمەشىقتە قۇرغان دەيدۇ؛ بەزىلەر سەئدىيە بۇرۇن مىسىر ۋە تۈركىيىگە تارقالغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر رىفائىيەنىڭ تارمىقى دەيدۇ. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بۇ پىرقە مۇھەممەد ئىبنى سەئدىددىن (؟ - 1611) بىلەن تونۇلدى. سەئدىددىن مەككىدە ھەج قىلغاندا سوپىلار پىرقىسىگە قاتنىشىدۇ. دەمەشىققە يېنىپ كەتكەندىن كېيىن زاۋىيە سېلىپ، بۇ پىرقىنى قۇرىدۇ. ئۆزىنى پەيغەمبەرنىڭ پۇشتى دەپ، 1578 - يىلى شەيخ دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى سەئدۇددىن ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇ پىرقە كەڭ تارقىلالمايدۇ. تۈركىيىدە ئازراق مۇخلىسلىرى بار ھەمدە يۇنۇش ئىبنى سەئدۇددىن مىسىرغا تارقىتىدۇ. قاھىرەدە ئىسلام دىنىنىڭ ئايەم كۈنلىرى ۋە مەۋلۇدتا <دۇسە> دەپ ئاتىلىدىغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەيخ ئاتقا مىنىپ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان دەرۋىشلەردىن ئۈستۈن بولۇپ، تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولىدۇ. مۇراسىم خېلى قىزىيدۇ. كىشىلەر قاتتىق زىكر سالىدۇ. يىلاننى تىرىك يۇتۇشتەك ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى يەرلىك مۇسۇلمانلار ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، مىسىرنىڭ مۇپتىسى 1881 - يىلى پەتىۋا چىقىرىپ، بۇنداق مۇراسىمنى بىدئەتلىك سۈپىتىدە مەنئى قىلدى. ⅩⅩ ئەسىردىن بۇيان سۈرىيىنىڭ ھىمىس قاتارلىق جايلىرىدىكى بۇ پىرقىغە مەنسۇپ مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى دىنىي مۇراسىملارغا ئەمەل قىلىدۇ. مىسىردىمۇ بۇ پىرقىنىڭ يىلان ئويناپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان زاھىدلىرى پائالىيەت قىلىدۇ.