Uyghur主要词典
سەۋزە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى. بېشى توپا ئاستىدا بولىدۇ.
«زەردەك» قەشقەر شېۋىسى، خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ. تۆگە ئۇسسۇل ئوينىسا يەتتە تاختا زەردەكنى بۇزار. سەۋزىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، 100 گىرامىدىن 34 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ. ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى مول ۋە سۈپەتلىك.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، سەۋزىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى ئاق، مېۋىسى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق. يىلتىزى ئۇزۇن ھەم كونۇس شەكلىدە بولۇپ، گۆشلۈك، قىزغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە كېلىدۇ. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە كۆكتات قىلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى (سەۋزە) ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، يىلتىزى (سەۋزىسى) ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، رەئىس ئەزالار ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 200 ~ 640 گرام، ھالۋا ياكى مۇرابباسىدىن 30 ~ 80 گرام، شارابىدىن 200 گرام، پار سۈيىدىن 280 گرام، ئۇرۇقىدىن ئالتە گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەۋزىدە مۇراببا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە ئىششىقى، سوغۇقتىن بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، قىزىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەۋزىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەۋزە ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە باھنى قوزغايدۇ.
سەۋزە ئۇرۇقىنى سوقۇپ، ياكى ئۆزىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ، ياكى ھەمەل قىلىپ بەرسە تۇغماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەۋزىنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرماقلىرىنى سۇدا قاينىتىپ كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن ۋە پۇت - قوللىرىنى يۇيۇپ بەرسە، قاننىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ.
سەۋزە مۇرابباسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى، كۆكرەك ھۆللۈكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەۋزىنىڭ ھالۋىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ۋە بالىياتقۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.
سەۋزىنى سىقىپ سۈيىنىڭ 1/4 گە تەڭ ھەسەل قوشۇپ قاينىتىپ، ئاندىن بىر دانە خۇمىرىغا قۇيۇپ ئاغزىنى بېكىتىپ بىر مەزگىل قويغاندىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، مەست قىلىدۇ.
سەۋزىنىڭ يوپۇرمىقىنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قارا يەلگە پايدا قىلىدۇ.
ئۈچ گرام سەۋزىنى ئۈچ گرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پۇتنىڭ ئالقىنى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ»قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس - بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.
سەۋزىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئۇ13 - ئەسىرلەردە كىچىك ئاسىيادىن ئېلىمىزگە كىرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلار «خۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، شۇنداقلا شەكلىمۇ تۇرۇپ (لوبو) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار «خۇلوبو» دەپ ئاتىغان.
سەۋزە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىنىدىغان قىسمى ئۇنىڭ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزى بولۇپ، ئادەتتە يۇمىلاق كونۇس شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولىدۇ. رەڭگى قىزىل، سېرىق، ئاق رەڭلەردە بولۇپ، قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن ھەمدە زور مىقداردا قەنت، كراخمال، ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. كاروتىن ھەزىم قىلىنىپ پارچىلانغاندىن كېيىن ھەسسىلەپ ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، بەدەننىڭ يېتىلىشى، سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى، مايلارنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانالىز قىلىنىشىچە، سەۋزىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.
سەۋزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا بولغان شەرت ۋە تەلەپلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇش، تۇپراق بەك قۇرغاق ياكى بەك نەم بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى سەۋزىدىكى كاروتىن مىقدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان بوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى ئاق، مېۋىسى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق. يىلتىزى ئۇزۇن ھەم كونۇس شەكلىدە بولۇپ، گۆشلۈك، قىزغۇچ ياكى سېرىق كېلىدۇ. تۈرلىرى كۆپ. ئادەتتە كۆكتات قىلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى.