Uyghur←Chinese主要词典
سەۋەنلىك بىلەن يار قويۇۋېتىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازا过失决水罪
guò shī jué shuǐ zuì
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن يار قويۇۋېتىپ سۇ ئاپىتى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ زەخىملىنىشىن، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ئومۇمنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشقا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك بىلەن يار قويۇۋېتىش سۇ ئاپىتى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ئومۇمنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە ئاتالغۇلىرى,جامائەت خەۋپسىزلىكى,قانۇنشۇناسلىق
过失决水罪
guò shī jué shuǐ zuì
GetWord 语料库
9过失决水罪
guò shī jué shuǐ zuì
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。