Uyghur主要词典
سەتر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياپماق، يوشۇرماق: سەتر ئەۋرەت - ئۇياتلىق يەرلىرىنى يېپىش؛ سەتر ھال - ئىچكى ئەھۋالنى (دىلدىكى سىرنى) يوشۇرۇش، بىلدۈرمەسلىك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يول، قۇر، رەت، قاتار (كۆپلۈكى <سەتۇر>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاقلار ۋە ئومۇمەن كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، خەت - چەكلەرنىڭ خېتىنىڭ قەغەز ئۈستىدىكى بىر قاتارى.
<مىسرا> كۆپرەك شېئىرلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئارزۇ ۋەزنىدە ئىككى مىسرالىق شېئىر <مەسنەۋى>، ئۈچ مىسرالىقى <مۇسەللەس>، <تۆت مىسرالىقى >مۇرەببە<، بەش مىسرالىقى >مۇخەممەس<، ئالتە مىسرالىقى >مۇسەددەس<، يەتتە مىسرالىقى >مۇسەببە<، سەككىز مىسرالىقى >مۇسەممەن<، توققۇز مىسرالىقى >مۇتەسسە< دېيىلىدۇ. كىتابنىڭ يۇقىرىدىن سانىغاندا ئالتىنچى قۇرىدا بىر ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت باسما ياكى يازما ماتېرىياللارنىڭ ھەبىر يولى، قۇر.
ھاسىل بولۇر قەترىلەردىن، بولۇر دىۋانلار ھاسىل سەترلەردىن.
كۆچمە. قورۇق، سىزىق.
ئېھ! ئەجەب چاغ ياشلىق باھارى، قايدا كەتتىڭ ئەمدى سەن قېچىپ، قىچقارمىغان مېھماندەك سۆرۈن، سەترىلەرنى ئەپتىمگە چېتىپ.