Uyghur主要词典
سەرخىس
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ سەرخىس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سەرخىسكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى يانتۇ ئۆسكەن، قاتتىق، كەسمە يۈزى سۇس يېشىل، سىرتىنى
تەكشى تىزىلغان يوپۇرماق ساپاق قالدۇقلىرى ۋە خورما رەڭلىك پەردىسىمان تەڭگىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، كۆپلىگەن چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛
يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈستىدە قوڭۇر پەردىلەشكەن تەڭگىچىلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان تولۇق ۋە چوڭقۇر
يېرىلغان بولۇپ، كىچىك ياپراقچىلىرىدا ئۇششاق ھەرە چىشلىرى بار، سىپورا خالتا توپلىرى ئايرىم ھالدا كەينى تەرەپ ئوق تومۇرىنىڭ ئىككى يېنىغا
تىزىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپىنى ياز پەسلىدە، يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ،
ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈن چۈشمەيدىغان نەم تاغ
باغرى، دەريا ۋادىسى ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
مەددە ئۆلتۈرۈش، ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەرخىستىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكام، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سەرخىسنى لاتىغا يۆگەپ ئىدىش ياكى كومزەككە چىلاپ قويۇپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،
تارقىلىشچان زۇكام ۋە قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەرخىستىن 35 گرام، يالپۇزدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام سەرخىسنى 12 گرام ئوسما يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەرخىستىن 35 گرام، ئۈچقاتتىن 30 گرام، يۇنمۇدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئالتىگە بۆلۈپ، ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىمدىن
ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان مېڭە - يۇلۇن پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆمۈرلەنگەن سەرخىسنى يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە،
بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام سەرخىسنى 15 گرام ئەينۇلا، 35 گرام كاۋا ئۇرۇقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ كەچتە ئىچىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا 20
گرام تازىلانغان شور ئىچىپ بەرسە، سازاڭسىمان مەددە، ئىلمەك مەددە ۋە يىلانسىمان مەددە قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
بىئولوگىيە
سەرخىس ئائىلىسىەە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى قىسقا بولۇپ، تىك ياكى يانتۇ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق سېپى بىلەن تۇتىشىدىغان قىسمىدا كەڭ تۇخۇمسىمان، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك يوغان تەڭگىچە يوپۇرماقلار زىچ ئۆسىدۇ. پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا شالاڭ جايلاشقان تەڭگىچە يوپۇرماقلار بولىدۇ؛ يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ تۆمۈنسىمان، نېپىز بولىدۇ، يوپۇرماق ئوقى بىلەن يوپۇرماق سېپىدا ئاز ساندا تالالىق تەڭگىچىلەر ئۆسىدۇ، تاق سانلىق بىر قايتىلانغان پەيسىمان ھالەتتە بولىدۇ، پەيسىمان يوپۇرمىقى ئورغاققا ئوخشاش تۆمۈنسىمان بولۇپ، گىرۋىكىدە يېرىقسىمان ئىنچىكە چىشلىرى بولىدۇ. سپورا خالتا توپى ئىچىگە يوشۇرۇنغان كىچىك تومۇرنىڭ ئۇچىدا ئۆسۈپ، ئاساسىي تومۇرنىڭ ئىككى تەرىپىدە 3 - 4 قاتار رەتسىز تىزىلىدۇ. سپورا خالتا توپى يېپىنچىسى چوڭ، يۇمىلاق قالقانسىمان بولۇپ، گىرۋىكى تولۇق بولىدۇ. شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال ۋە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە تارقىلىدۇ؛ چاۋشىيەن، ۋېيتنام ۋە ياپونىيىدىمۇ بولىدۇ. سايە نەم ئورۇندىكى ھاك تېشى يېرىقى، يول ياقىسى ياكى تام يېرىقلىرىدا ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى ۋە يوپۇرماق سېپىنىڭ قالدۇق قىسمى دورىغا قوشۇلىدۇ، قۇرت چۈشۈرۈپ زەھەر قايتۇرىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامغا شىپا بولىدۇ، ئاساسەن قۇرتنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن بولىدىغان قورساق ئاغرىش، ھۆل ئىسسىقتىن بولغان ئەسۋە، جاراھەتتىن بولغان زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە دېھقانچىلىق دورىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
سەرخىس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئورغاققا ئوخشايدۇ، سپورا خالتىسى توپ ھالەتتىكى تەڭگە شەكلىدە بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىگە تىزىلىدۇ. يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە قان توختىتىش ۋە مەددە چۈشۈرۈش دورىسى قىلىنىدۇ.