Uyghur主要词典
سەرسان قۇشلار
بىئولوگىيە
<جاھانكەزدى قۇشلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى كۆچمەس قۇشلارنىڭ ئىچىدىكى بىرمۇنچە تۈرلەرنىڭ كۈز، قىش پەسىللىرىدە مۇۋاپىق ئوزۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن سەرسان بولۇپ يۈرۈش ياكى جاھان كېزىپ يۈرۈش ئادىتى بولىدۇ. مەسىلەن، تۆمۈر تۇمشۇق، تاغ پاختىكى قاتارلىقلار.