Uyghur主要词典
سەرراپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇيۇنۇش سايمانلىرى بولغان ئۆي.
<مۇنچا> ئىلگىرى پارلىق يۇيۇنۇش ئۆينى كۆرسىتەتتى، ھازىر ئومۇمىي نام بولۇپ قالدى.
<دۇچ> ئۈستىدە سۇ چاچىدىغان سايمان ئورنىتىلغان ئاستىدا يۇيۇنىدىغان يۇيۇنۇش شەكلى.
<ۋاننا> چوڭ يۇيۇنۇش دېسى.
<ھاممام> يۇيۇنۇش كۆلچىكى.
مۇنچىغا كىر، قالمىسۇن تېنىڭدا زەررىچە كىر. دۇچ يۇيۇنۇشقا ئەڭ ئەپلىك ۋە پاكىزلىققا باب. يېڭى سېلىنغان، زامانىۋى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋاننا بار. ھاممام بىزدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە. سەرراب غۇسلى قىلىشقا قولاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كونا. پۇلنى پارچىلاپ بېرىش ياكى باشقا مەملىكەت پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نەپ ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى كىشى، پۇل، ئالتۇن سودىگىرى.
سەرراپ بازىرى.