Uyghur主要词典
سەرفەراز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇلۇغ، بەختىيار، ھۆرمەتلىك:
بۇتاش ئۆزرە قىلدى مۇھەممەد نەماز،
كى ئانچە بولۇپ تەختى سەڭ سەرفەراز.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بېشى ئىگىز، بېشى ئۈستۈن، ئېسىل، ئالىجاناپ؛ شەرەپلىك. كۆچمە مەنىسى: يۈزى يورۇق، بېشىنى كۆتىرىپ يۈرمەك، شادلانماق: سەرفەراز ئەتمەك - يۈكسەلدۈرمەك، شادلاندۇرماق؛ سەرفەراز بولماق - باش كۆتەرمەك، غالىپ بولماق، شادلانماق (بۇ سۆز <سەر ئەفراز> دەپمۇ ئېيتىلىدۇ).