Uyghur主要词典
سەپمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ئىشلەشكە تەق قىلماق.
ھەممە تەييارلاندى، ئەندى رەسمىي كىرىشىشىكە بولىدۇ. كېرەكلىك نەرسىلەرنى ھازىرلاپ بولدۇق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھازىرلىماق، تەييارلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇيۇقلۇقنى توزان ياكى تامچە قىلىپ باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە پۈركىمەك، چاچماق.
ھېلىقى بېيىت ئېيتقۇچى قولىدىكى چاينى ئايالنىڭ يۈزىگە سەپتى، ئۆينى كۈلكە ئاۋازى قاپلىدى.
تالقان ياكى ئۇن ھالىتىدىكى نەرسىلەرنى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە توزۇتماق، چاچماق.
يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپتۇ (ماقال).
بىر تەكشى تارقىتىپ چۈشۈرمەك، سالماق.
ئۇنىڭ ئاق يەرنى كۆرسىلا ھەرخىل ئۇرۇقلارنى سېپىپ قويۇپ كېتىدىغان ئادىتى بار ئىدى.
كۆچمە. تاراتماق، يايماق، چاچماق.
ئويغىنىمەن ئاۋازىڭ قۇلىقىمغا يەتكەندە، تاڭ چولپىنى نۇرىى يۈزلىرىمگە سەپكەندە.