Uyghur主要词典
سەپداش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يولى، نىيىتى بىر كىشىلەر، بىر سەپتە بولغان كىشىلەر.
<يولداش> نىڭ مەنىسى كەڭ ۋە ئومۇمىي. <ۋەتەنداش> مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. چاقىرغاندا ياكى نوتۇقتا قاراتما سۆز بولىدۇ.
يولداش دەپ ئاتاش يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەكداش بولۇش - مۇھەببەتنىڭ ئاساسى. سەپداش بولالىغان دوست - ھەقىقىي دوست. ھەي، ئارقاداش، سۇيۇقئاشتىن قاچ، بىزگە كەلسۇن پولۇ - ئاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ھەرب> ھەربىي خىزمەتتە بىرگە، بىر سەپتە بولغان كىشىلەر (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
ئۇلار ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بىر خەندەكتە جەڭ قىلغان يېقىن سەپداشلاردىن ئىدى.
كۆچمە. بىر ساھە، بىر تەشكىلات ياكى بىر ئورۇندا بىللە ئىشلىگەن كۈرەش قىلغان كىشىلەر (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
بىلال ئەزىزى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ يېقىن سەپدىشى ئىدى.