Chinese→Uyghur主要词典
森特
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
森特〈瑞士〉
sēn tè
سېنت
دۇنيا تارىخى
سۇندت
(1817 - 1875). نورۋېگىيىلىك سوتسولوگ، ستاتىستىكا ئالىمى. دەسلەپتەئىلاھىيەتنى ئوقۇغان، كېيىن جەمئىيەتتىكى تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. 1850 - 1868 - يىللاردا پۈتكۈل مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىققان. 1864 - يىلى كرىسدىنيانا ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان. يەنە نورۋىگىيە پۇقرالار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، بۇ جەمئىيەت چىقارغان <خەلقنىڭ دوستى> دېگەن ئوبزور ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ <نورۋىگىيە سىگانلىرى ياكى كۆچمەنلىرى توغرىسىدىكى دوكلات. ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي تەبىقە ئۈستىدىكى تەتقىقات>، <نورۋىگىيىنىڭ ئائىلەسانائىتى>، <نورۋېگىيىدىكى نىكاھلىنىش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ستاتىستىكا ئىلمى ۋە نورۋېگىيىنىڭ نوپۇس ستاتىستىكا ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ باشلامچىلىق خاراكتىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.