Chinese→Uyghur主要词典
森普尔
دۇنيا تارىخى
سېمپلې
(1863 - 1932) ئامېرىكىلىق ئايال جۇغراپىيون. كېنتۇككىي شتاتىدا تۇغۇلغان. 1882 - يىلى ۋائاسا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ لېيپسىگ داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ لاسېردىن ياخشى تەسىر ئېلىپ، جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى، مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە دۆلەت تارىخىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ، جۇغراپىيىلىك مۇھىت بەلگىلەيدۇ نەزەرىيىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1906 - 1923 - يىللاردا چىكاگو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1921 - 1932 - يىللاردا كراك داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ياشاش ئۈچۈن رىقابەتلىشىش ماكان تالىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ جاكارلاپ، لاسېرنىڭ دۆلەت ئورگانىزمى نۇقتىئەنەزىرىنى تارقاتقان. بۇ خىل نۇقتىئەنەزەر ئامېرىكا ئىنسانىيەت جۇغراپىيىسى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئامېرىكىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتى>، <جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى>، <ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ جۇغراپىيىسى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.