Chinese→Uyghur主要词典
森林军
دۇنيا تارىخى
ئورمان باتۇرلىرى
1915 - يىلى ئىراننىڭ شىمالىي رايونلىرىد قۇرۇلغان پارتىزانلار ئەترىتى. ئاساسەن گىلان ئورمانلىقىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. سەردارى كۇچىكخان بولۇپ، بۇ قوشۇن دېھقانلار، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئۇنسۇرلىرىدىن تەركىب تاپقان. مىللىي مۇستەقىللىكنى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چارروسىيىنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن. 1920 - 1921 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋجئالغان. مەزگىلدە، ئىران كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن بىر مەھەل ھەمكارلىشىپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى ۋە پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، گىلان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. كۇچىكخان 1921 - يىلى 9 - ئايدا ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنى قىرغاندىن كېيىن، ئورمان باتۇرلىرى قوشۇنىنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا پارچىلىنىپ كەتكەن.