Chinese→Uyghur主要词典
僧祗城邦
دۇنيا تارىخى
زەنگى پولىسلىرى
Ⅹ ئەسىردىن ⅤⅩ ئەسىرگىچە شەرقىي ئافرىقىدىكى كىلۋا خاندانلىقى مەركەز قىلىنغان دېڭىز بويلىرىدىكى سودا شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زەنگى پارسچە Zenj ياكى Zanj نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى نېگىر دېگەنلىك. بۈگۈنكى كۈندىكى زانزىبار دېگەن تەرجىمىسى <نېگىرلارنىڭ يېرى>دېگەنلىك. ھەرقايسى شەھەر بازارلاردا سودا ئاساس قىلىنغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول سانائەت قوشۇمچە قىلىنغان. ئۆزئاراجىددىي رىقابەتلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت زادىلا شەكىللەنمىگەن. جۇڭگو يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن ۋاڭ دايۇەن دېگەن كىشى ئۇيەرنى زىيارەت قىلغان. جۇڭگو بىلەن ئۇزاققىچە سودا ئالاقىسىنى ساقلىغان. زانزىبار ئارىلى، پېمبا ئارىلى، مافىيە، كىلۋا قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو يارماقلىرى ۋە ساپال قاچىلىرى قېزىپ چىقىلغان.