Uyghur主要词典
سەمەرقەند
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۆزبىكىستاننىڭ بىر شەھىرى، سەمەرقەنت.
بىئولوگىيە
سوۋېت ئۆزبېكىستانىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. سەمەرقەند ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر زەرەپشان دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 476 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). سەمەرقەند ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخى بار. بۇجاي قەدىمدە سوغدى، تۆمۈر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان. 1868 - يىلى روسىيە بىلەن بىرلەشكەن، 1924 -، 1930 - يىللاردا ئۆزبېكىستاننىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول قاتناش تۈگۈنى. مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەردە چىگىت ئايرىش، يىپەك توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيىۋى ئوغۇت، كىنو ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. سەمەرقەند ئۆزبېكسىتاننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەردە بىر قانچە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، 14 -، 17 - ئەسىرلەردە سېلىنغان ئاتاقلىق مەسچىتلەر، قەبرىلەر قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.