Uyghur主要词典
سەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوغا، زەھەر:
ھەييارلىق، ئالدامچىلىق:
ئەسەلدۇر زىكرى ھەق لەززەت تاپار كامۇلەبىڭ ئاندىن،
ئۆزۈڭنى ئۇرماغىل شەككەر يىدىم دەپ ئۆلتۈرۈر سەمگە.
ناقىس.
2. ھىممەتى ئېلى كۆزدە قۇرۇتۇپ نەملەرىنى،
نەچە قىلۇر ئاشام فەلەك سەملىرىنى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوغا، زەھەر.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئەس، خاتىرە. مەسىلەن: سەمىگە سېلىش _ ئېسىگە سېلىش، جېكىلەش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەم سەم _ داۋا، ئەم. « سەم» سۆزى يالغۇز ئىشلىتىلمەيدۇ، جۈپ سۆز بولۇپ كېلىدۇ.
3 - 214