Uyghur主要词典
سەلەفىيە ئېقىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋەھھابىيە تەشەببۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ شەكىللەنگەن. ناماز ئوقۇغاندا ئۈچ قېتىم قۇلاق قاقىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ قېتىم قۇلاق قاققۇچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلار دىننى <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى بەلگىلىمە بويىچە بەجا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كېيىنكىلەرنىڭ قوشۇمچە قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. 1936 - يىلى مادېباۋ، مالىن، مايۇنۇس ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر ھەج قىلىپ قايتىشىدا ۋەھھابىيە تەشەببۇس قىلغان <شانلىق ئىسپات>، <ئىسلام ئارمىيىسى> ۋە <مەكتۇبات> قاتارلىق كىتابلارنى ئالغاچ كېلىپ، خېجۇدا بىر تەرەپتىن تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەندە، مايۇن ئاخۇن باشچىلىقىدىكى ئىخۋانىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىشەنگۈچىلەرنىڭمۇ تايىنى بولمىغان. 50 - يىللاردىن بۇيان مادېباۋ باشچىلىقىدىكى بەزى ئاخۇنلار خېجۇدىكى بافاڭ شىنۋاڭسى مەسچىتىنى ئاساس قىلىپ، سەلەفىيە تەشەببۇسىنى ئىككىچنى قېتىم تەرغىب قىلغاندا ئىخۋانىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. 70 - يىللاردا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، مۇستەقىل مەزھەپ بولۇپ شەكىللەنگەن. ھازىر چىڭخەيدە، گەنسۇدىكى لىنشا، لەنجۇ، تيەنشۇي، جاڭجياچۇەن ۋە شىئەن قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن ئادىمى ۋە ئاخۇنلىرى بار. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ، ھەنەفىيەگە بويسۇنىدۇ. ئاساسىي ئەقىدىسى ۋە قائىدە - يوسۇنى مۇنداق: (1) ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى <ئالتىنچى ئۈچ ئەۋلاد> ئەمەل قىلغان ئەقىدە، ئەھكاملارنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىر مەسىلە توغرىسىدا ئۈچ ئەۋلادنىڭ چۈشەندۈرۈشى پەرقلىق بولسا، ئاساسى تولۇق، چۈشەندۈرۈشى توغرا بولغانغا ئەمەل قىلىدۇ. (2) ئاللا دۇنيانى ياراتتى. شۇڭا ئاللا دۇنيادىن ھالقىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. (3) <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق تەپسىرلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىنسانغا <قۇرئان كەرىم> دىكى بەزى باتىن مەنىلىك ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرۇلمىغان، دەپ قاراپ، ئۇلارنى خالىغانچە تەپسىر قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، تەپسىر قىلىنغانلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەمدە ھەدىس <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئەڭ ياخشى تەپسىرى، ھەدىسكە ئەمەل قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. (4) پەرز نامىزىدا <سۈرە فاتىھە> نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، جامائەت بىلەن بىللە يۇقىرى ئاۋازدا دۇئا قىلىدۇ. (5) مېيىتكە دۇئا قىلغاندا كەبە تەرەپكە قاراپ تۇرۇش لازىم. (6) ناماز ئوقۇغاندا ئۈچ قېتىم قۇلاق قاقىدۇ يەنى نىيەت قىلغاندا بىر قېتىم، رۇكۇ قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم، رۇكۇدىن تىكلەنگەندە بىر قېتىم قۇلاق قاقىدۇ. (7) ئەرلەر پەيغەمبەر سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ چاچ - ساقال قويىدۇ، ئاياللار لىچەك سالىدۇ. (8) سۈلۈككە ۋە ئىمامغا نىيەت قىلمايدۇ؛ گۈمبەزگە تېۋىنمايدۇ؛ ئاخۇنۇم جامائەتكە قۇرئان ئوقۇپ بەرگىنىگە ھەدىيە ئېلىشقا قارشى تۇرىدۇ؛ قۇرئان ئوقۇش بىلەن غىزا يېيىشنى تەڭ داۋاملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ؛ قۇرئان ئوقۇغاندا ۋە قەبرە يوقىلغاندا كۈجە يېقىشقا، مېيىتكە قاتتىق يىغلاشقا قارشى تۇرىدۇ؛ (9) جاڭگالغا بېرىپ ھېيت نامىزى ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇغاندا ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ، ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (10) <قۇرئان كەرىم> نى جامائەت تەڭ تىلاۋەت قىلمايدۇ. بىر ئادەم ئوقۇيدۇ. جامائەت ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ. (11) مېيىتكە ئاتاپ تۈنىمەيدۇ. مېيىتنىڭ يەتتىسى، يىگىرمە يەتتىسى، قىرقى، يۈزى ۋە يىلىنى خاتىرىلەپ قىرائەت قىلمايدۇ. سەلەفىيەنىڭ نامى ۋە تەشەببۇسى نۇرغۇن ئەرەب - ئىسلام دۆلەتلىرىدە خېلى بۇرۇن تونۇش بولۇپ، تەسىرى خېلى چوڭ، ئۇنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەلىماتى ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلغانلىقتىن، بەزىلەر ئۇنى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ ئىدىيىۋى تەشەببۇسىغا مايىل دەپ قارايدۇ.