سەكسەنپۇتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]سەكسەن+پۇت[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بۇغۇم ئاياغلىق ھايۋان. تېنى ئۇزۇن ھەم ياپىلاق، دۈمبىسى قارا يېشىل، قورسىقى سارغۇچ قوڭۇر، بېشىدا قامچىسىمان سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى بولىدۇ. گەۋدىسى نۇرغۇن بوغۇملاردىن تۈزۈلىدۇ. ھەربىر بوغۇمىدا بىر جۈپتىن پۇتلىرى بولۇپ، بىرىنچى جۈپ پۇتى ئىلمەك كېلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە زەھەر بېزى بولۇپ، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. كىچىك ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.