Uyghur主要词典
سەجدە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نامازدا پېشانىنى بىر قېتىم يەرگە تەككۈزمەك:
كېچەۋۇ كۈندۈز يۈرۈپدۇرمەن سۇراغىدا دېدىم،
تۇغنى پېشانەڭگە كۆرگەچ سەجدە چاغىدا دېدىم.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەجدە قىلماق، بېشىنى يەرگە قويماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ناماز ئوقۇغان، ئىبادەت قىلغانلارنىڭ بېشىنى ئېگىپ، ئىككى قولىنى يەرگە تىرەپ، پېشانىسىنى يەرگە تەگكۈزۈشى.
بۇنى كۆرگەن ھاتەم خۇشاللىقىدىن خۇداغا سۈكۈرلەر قىلىپ سەجدىگە باش قويدى.