Uyghur←Chinese主要词典
سەيلېندرا خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
厦连特拉王朝
shà lián tè lá wáng cháo
ھىندۇنېزىيىدىكى خاندانلىق سەيلېندرا، مەنىسى <تاغ پادىشاھى>دېگەنلىك. مىلادى Ⅷ ئەسىردە سۇماترادا (ياۋادا دېگەن گەپمۇ بار)باش كۆتۈرۈپ، سىرىۋىجىيىگە ۋە ياۋانىڭ كۆپ قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە تەسىر دائىرىسى مالاي يېرىم ئارىلى ۋە كېخمېرغىچە يەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياۋادىن چېكىنىپ چىققان، ئاندىن ئاستا - ئاستا خارابلاشقان.لېكىن سۇماترادا Ⅺ ئەسىردىمۇ سەيلېندرا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھىنىڭ نامى يېزىلغان ئويما خەتلەر بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بۇددا دىنىنى تەشەببۇس قىلغان. ياۋادا بوروبۇدۇر ۋە مېندوت ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەشھۇر بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنى سالغان.