سەي كاۋىسى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى پېلەك تارتىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ. مېۋىسى ئۇزۇنچاق ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، پوستى ئاقۇچ يېشىل، ئادەتتە كۆكتات قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.