领域: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىئەرەبچە
پاكلىق، ساپىلق، تازىلىق:
تىنچلىق، ئاسايىشلىق:
گۈزەللىك.
چۇ تۇفراغى ۋۇجۇدۇڭ بۇتەئى مېھنەتدە كۆيدۈرگىل،
سەفايى زاھىدۇ باتىندە شەرتى كىميا بولماق.
زەلىلى.
گۇلستان غۇررەمۇ خۇش بولدى، ئەمدى بىر نىگار ئىزدە،
تۈزۈپ زەۋقۇ سەفا سازىن شەرابى خۇشكۇۋار ئىزدە.
ھاپىز خارەزمى.
3. سەفا بەرگەھىدا سۇلتان ئولۇپ،
ۋەفاكار گاھىدا بۇرھان بولۇپ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىملىق، تازا، پاك، پاكىز، ساپ؛ يورۇقلۇق، روشەنلىك؛ خۇرسەنلىك؛ مەئىشەت: سەفالىغ - ساپ ھاۋالىق؛ سەفا ئەھلى - ساپ يۈرەك، پاك كۆڭۈللۈك؛ سەفا كەلتۈرمەك - ياخشىلىق كەلتۈرمەك؛ سەفايى ۋەقىت - ئۆز ۋاقتىنىڭ پاك كىشىسى.