Uyghur主要词典
سەدر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇلۇغ، چوڭ مەنسەپ؛ ياشلىق رەئىس:
كۆكرەك، مەيدە.
1. دەۋردۇر سەدر بدەر كائىنات ئەيلەي بۈگۈن،
ئەژەھاسەر ئوتلۇق ئاھىمدىن ئەلەم كەتۈرمىشەم.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆكۈمەت، ئىچكى كابېنت باشلىقى.
گېزىت خەۋىرى: ئىتالىيە زۇڭلىسى جۇلىئو ئاندىرىئوت لى پىڭ زۇڭلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 15 كۈنىگىچە ئېلىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى ساچچىر خانىم يېقىندا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. گۇڭزې شىيى ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئەمەل قىلغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىراندىكى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ دىنىي ۋەزىپىسى بولۇپ، ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى سەفەۋىيە سۇلالىسى (1502 -1736) دەۋرىدە تەسىس قىلىنىپ، پادىشاھ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. ئەسلىي شىئە مەزھىپىدىكى نوپۇزلۇق تەپسىرچى، تەبلىغاتچى بولۇپ، كېيىن فىقھە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلدى. ھەر دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۇلارنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى شەيخۇل ئىسلام ئىگىلىدى.