Chinese→Uyghur主要词典
瑟德尔布罗姆
دۇنيا تارىخى
سودېربلوم
(1866 - 1931)، شۋېتسىيىلىك تېنولوگ، دىنىي تارىخشۇناس. ترېننودىكى بىر پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1883 - يىلى ئۇپسالا داشۆسىگە كىرىپ، گرېك تىلى، ئېبرىي تىلى (يەھۇدىي تىلى)، ئەرەب تىلى ۋە لاتىن تىلىنى ئۆگەنگەن. ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1901 - 1914 - يىللاردا ئۇپسالا داشۆسى ۋە لېيپسىگ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دىن تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1914 - يىلى 5 - ئايدا شۋېتسىيىنىڭ مەملىكەتلىك ئارخېئېپىسكوپلۇقىغا تەيىنلەنگەن. ئۆمۈر بويى دىن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنپ، دىننىڭ مەقسىتى، تارىخى ۋە شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئەللەردىكى خرىستىئان چېركاۋىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، 1925 - يىلى پۈتكۈل خرىستىئان دىنى يىغىنىنى ئاچقان. 1930 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، مۇھىملىرى <ۋەھىدىن>،<كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانت دىنىدىكىدىنىي مەسىلىلەر>، <خۇداغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەكىللىنىشى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.