Uyghur主要词典
سەبئىيە مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدە كۆرگىلى بولىدىغان، يەتتە ئىمامنى ئېتىراپ قىلغان مەزھەپلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇ نام ئەرەبچە <سەبئىي> سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، <يەتتەچىلەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. <سەبئىيە، يەتتە ئىمامچىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇبارەكىيە (يەتتىنچى ئىمام ئىسمائىلنىڭ قوللىغۇچىسى)، مۇساۋىيە، قەرمەتىيە، فاتىمىيە، ھەششاشۇنلار، درۇزىيە ۋە نۇسەيرىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئىسمائىلىيە مەزھىپى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مەزھەپلەر يەتتە ئىمامغا ۋە <غايىب> ئىماملارنىڭ دۇنياغا يېتىپ كېلىشى توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئېتىقاد قىلغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ <يەتتە> سانى بىلەن سىرلىق مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ئېتىقاد سىستېمىسى بار. بۇ سىستېما ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يەتتە خىل ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقانلىقىغا ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئاللا، (2) ئومۇمىي ئىدراك، (3) ئومۇمىي روھ، (4) ئىپتىدائىي ماددا، (5) بوشلۇق، (6) ۋاقىت، (7) يەرشارى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسى. تۆۋەن قاتلامدىكى دۇنايدا ياكى ئىنساننى قۇتقۇزۇش تارىخىدا ئادە ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد تاممىدىن ئىبارەت يەتتە نەقىبە پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىغا، ھەر ئىككى نەقىبە پەيغەمبەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەتتە نەپەر سامىت (سۈكۈت قىلغۇچى) بارلىقىغا، ئۇلار رەت تەرتىپى بويىچە سېت، شېم، ئىسھمائې، پېتر، ھەزرىتى ئەلى ۋە مەزھەپلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئابدۇللا بىننى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىلىرى ۋە سىر يەشكۈچىلەر ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس سىرلىق شەكىللەر بىلەن ئەقىدە ئېلان قىلىپ، پەتىۋالارنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سامىتلارنىڭ ئاستىدا يەتتە ياكى 12 ئادەمدىن تەركىب تاپقان تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىكلەر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دائى (دىنىي دەۋەتچى) ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزھەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ترانسۇبىستانسىيال تەلىماتىغا ئىشىنىدۇ. بەزىلەر يەتتىنچى ئىمامنى ئاللانىڭ نامايەندىسى دەپ، بەزىلەر ھەزرىتى ئەلىنى ئاللانىڭ نامايەندىسى دەپ ئىشىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئەھلى ھەق مەزھىپى ۋە ھىندىستاندىكى ئەھلى خوجا قاتارلىق مەزھەپلەر پەيدا بولدى. سەبئىيە مەزھىپى باتىن ئەقىدىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىمان ئېيتقان ئادەم ئالدى بىلەن دائىنىڭ (ھەقىقىي يەتكۈزۈشى) ئارقىلىق غايىب ئىمام ئېلان قىلغان ئەقىدىنى چۈشىنىپ، قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ ئاللانى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كەمسىتتى، دەپ قارىلىپ، سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدىكى ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن ئەيىنلىنىدۇ.