Uyghur主要词典
سەبەئ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا رىۋايەت قىلىنغان قەدىمكى يەمەن قەبىلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قەبىلە كارۋان ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئاۋات رايونغا جايلاشقان، شەھەرلەرنى يېزىلار تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان. سەبەئ قوۋمى قۇياشقا چوقۇنغان. كېيىن سەبەئنىڭ ئايال پادىشاھى بەنى ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايماننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، سۇلايمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاخىر بىر ئىلاھقا - ئاللاغا ئىمان ئېيتقان. كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، «ئىنجىل» دا تىلغا ئېلىنغان «شېبا» ئاشۇ سەبەئ قوۋمىدۇر.