Uyghur主要词典
سىد
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1043 - 1099) ئەسلى ئىسمى رودرىگو دىياس دې ۋىۋار ئىسپانىيەرىتسارى. ۋىۋار (بورگوس ئەتراپىدا) دىكى ئاقسۆڭەك پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كاستىلىيە كورۇلى سانچو Ⅱ
(1065 - 1072- يىللاردا تەختتە تۇرغان)نىڭ ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مورلار ۋە لېئون كورۇلى ئالفونسو Ⅵ غا قارشى جەڭ قىلغان. ئالفونسو Ⅵ كاستىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچى بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1081 - يىلى كاستىلىيەدىن قوغلاپ چىقرىلغاندىن كېيىن ساراگوسانىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمرانىغا بېقىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلغان ۋە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن.مۇسۇلمان جەڭچىلەر ئۇنى <مىنىڭ باشلىقىم> دېگەن سۆز ئەرەپچە <سەييىد> (خوجايىن) دېگەن سۆزنىڭ خاتا ئاتىلشى دەپ ئاتاشقان. كېيىن ئالفونسو Ⅵ بىلەن يارىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شەرقىي چېگرا رايونىنى قوغدىغان. 1094 - يىلى ۋالېنسىيىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمران بولۇپ قالغان. مورابىتلارنىىڭ ھۇجۇمىغا ئۆلگەنگە قەدەر تاقابىل تۇرغان. سىد ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر داستانى <سىد>تىكى باش قەھرىمان. لېكىن ئۇنىڭ ئەدەبىي جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ تەسۋىرلەنگەن ئىش پائالىيەتلىرى تارىختكى سىدنىڭكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سىيمەك