Uyghur←Chinese主要词典
سىبارس
دۇنيا تارىخى
西巴里斯
xī bā lǐ sī
قەدىمكى ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى يۇنان شەھىرى. لۇكانىيەنىڭ جەنۇبى، تارېنت قولتۇقىنىڭ غەربىي قىرغىقى، كراتىس دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 720 يىل ئىلگىرى ئاكاييالىقلاربىلەن تروئېزېنلار (جەنۇبىي يۇناننىڭ ئارگولىس دېگەن رايونىدا ئولتۇراقلاشقان) قۇرۇپ چىققان. تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولۇپ، ئىقتىسادىي تېز تەرەققى قىلغان، يالغۇز يۇنان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەن كەڭ سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەشھۇر باي شەھەرگە ئايلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بۇ شەھەردىكىلەر ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، كېيىنكىلەر دائىم <سىبارس> دېگەن سۆزنى ئىلىتىش ئارقىلىق ئەيش - ئىشرەت ۋە كەيپ - ساپاغا بېرىلىشنى ئىپادىلەشكەن. ئۇ كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەتراپىدىكى بىر مۇنچە شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاكاييالىقلار بىلەن تروئېزېنلار توقۇنۇشۇپ قېىپ، كېيىنكىسى جەنۇبتىكى چوڭ شەھەر كروتونغا قېچىپ بېرىپ، ھامىيلىق تىلىگەن. كروتونلىقلار كېيىن لەشكەر تارتىپ چىقىپ، سىبارسقا ھۇجۇم قىلىپ، دەريا سۈيىنى شەھەرگە باشلاپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن (تەخمىنەن 510 يىل ئىلگىرى). ھايات قالغانلار يۇناننىڭ باشقا شەھەرلىرىگە بېرىپ ماكانلاشقان. ئاز ساندىكىلىرى شەھەر ئەتراپىدا قېپقالغان، بۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەخمىنەن مىلادىدىن 443 يىل ئىلگىرى كراتىس دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى شەھەر تۇرىنى قۇرۇشقا قاتناشقان