—参考资料
سىيت مۇھەممەت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 19 - ئەسىرگە تەئەللۇق مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان«شەرھى شىكەستە» (قايغۇ - ھەسرەتلەر بايانى) داستانى غۇلجىلىق شائىر سىيىت مۇھەممەت ھېيىت مۇھەممەت ئوغلى تەرىپىدىن 1882 - يىللىرى يېزىلغان.
ئەسەردە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەم چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمى ۋە مەشھۇر «كۆچ - كۆچ» ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى خەلقىنىڭ زۇلمەتلىك تۇرمۇشى، زالىملارنىڭ قىرغىنچلىقلىرى ۋە بۇنىڭغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى بايان قىلىنغان.
بۇ ئەسەرنىڭ قوليازمىسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىلا، ن . ن .پانتسوۋنىڭ قولىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ، «شەرھى شىكەستە» نىڭ قول يازمىسىنى رۇس تىلغا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بىلەن بىللە 1909 - يىلى قازان دارىلفۇننىڭ نەشرىياتىدا نەشىر قىلغان. بىراق ھازىرغىچە بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولغان سىيىت مۇھەممەتنىڭ تەرجىمە ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق ماتېرىيال يوق. ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا، شائىر سىيىت مۇھەممەتنىڭ ئىلى قاش يېزىسىنىڭ ئالتۇن ئۆستەڭ دېگەن يېرىدە (ئەسەردە ئۆزىنى پېقىر، مەھەللىداشلىرىنى ئالتۇن ئۆستەڭلىكلەر دەپ تەسىۋىرلەيدۇ) كەمبەغەل ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1882 - يىللىرى - 60 ياش چاغلىرىدا (ئەسەردە «يېتىشىمىز 60 تىن ئۆتتى ئەمدى بولساق شادلىق» دېگەن سۆز بار) ئەسلى يەتتە سۇلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن يازغانلىقى ئېنىق.
ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى ۋە باشتىن - ئاخىر مۇخەممەس شەكلى بىلەن يېزىلغانلىقىغا قارىغاندا مۇئەللىپىنى شەرق ئەدەبىياتى بىلەن خېلى بۇرۇنلا پۇختا تونۇشقان دېيىشكە بولىدۇ. شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەتلىك ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يازمىلىرى يالغۇزلا«شەرھى شىكەستە» ئەمەس دېگەن قارىشىمىزنى مۇقىملاشتۇردى. داستاندىكى تەسەۋۋۇردىن قارىغاندا، شائىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى يۇرتى يەتتە سۇدا ۋاپات بولغان. ئەسەرنىڭ بەدىئىيلكى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، قۇرۇلمىسى پۇختا، راۋان، ۋەقە رېئال بايان قىلىنغان. شائىر خەلقنىڭ قايغۇ - ھەسرىتىگە ئورتاق بولۇپ، ناھەقچىلىكلەرگە خالىس، لىللا تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا شائىرنىڭ سىنىپىي ۋە دېموكراتىك مەيدانىنى ئىنتايىن روشەن كۆرۋالغىلى بولىدۇ.