Uyghur主要词典
سائادىيلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
ماراكەشتىكى ئەرەبلەر قۇرغان فېئودال خاندانلىق. سائادلار تەخمىنەن 12 - ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ماراكەشتىكى درا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى بوستانلىققا كۆچۈپ كەلگەن. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، <غازات> قوزغاپ، ئۇنى ھىمايە قىلغۇچىلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيگەن. 1525 - يىلى ماراكەشنى ئىشغال قىلغان. 1541 - يىلى پورتىگالىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئاگادىر، سافى، ئازېممۇر قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تايانچ نۇقتىلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1548 - يىلى فېسنى ئىشغال قىلغان. 1578 - يىلى ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشىدا، پورتۇگالىيەنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان. ئەھمەد مەنسۇر تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1578 - 1603) غەربىي ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىپ، تىمبۇكتۇنى بېسىۋېلىىپ، ئالتۇن سودىسى يولىنى كونترول قىلىپ، دۆلەتنى روناق تاپقۇزغان. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، فېس سۇلتانلىقى ۋە ماراكەش سۇلتانلىقىغا بۆلۈنۈپ، خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان، كېيىن ئاراۋى خاندانلىقى ئورۇن ئالغان.