Uyghur←Chinese主要词典
ساۋاركار
دۇنيا تارىخى
萨瓦尔卡
sà wǎ ěr kǎ
(1883 - 1966) ھىندىستاندىكى ھىندى دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى.ماراتا ئەدىبى، ياشلىق دەۋرىدە ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان. ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يوشۇرۇن قەست قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ يولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <دوستلار جەمئىيىتى>، <يېڭى ھىندىستان جەمئىيىتى> ۋە <ئەركىن ھىندىستان جەمئىيىتى> دېگەن مەخپىي تەشكىلاتلارنى ئۇيۇشتۇرغان. 1906 - يىلى ئەنگىلىيەگە بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. لوندوندا <ھىندىستانلىقلار ئائىلىسى> دېگەن ئەنگىلىيەگە قارشى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1910 - يىلى ئەنگىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئاندامان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا قامالغان. 1937 - يىلى ئەركىنلىككە چىققان. شۇ يىلى ھىندى دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، ئۇدا يەتتە يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1948 - يىلى گەندېىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان ۋە دىنى مەزھەپ پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبى بىلەن نەزەربەنت قىلىنغان. گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بومبايدا ئولتۇراقلاشقان، سىياسىي پائالىيەتتە چېكىنىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي ۋە دىنى ئىسلاھات يولىدا كۈچ چىقارغان. <1857 - يىلدىكى ھىندىستان مۇستەقىللىك ئۇرۇشى> دېگەن تارىخىي ئەسىرى ۋە <ساۋاركار ئەسەرلىرى توپلىمى> (ئالتە توم) قاتارلىق كىتابلىرى بار.