Uyghur主要词典
ساۋاب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى « ھەق »، « مۇكاپات»، « ئىلتىپات » دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە بېرىدىغان بىر خىل مۇكاپاتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. « قۇرئان كەرىم » دە مۇنداق دېيىلگەن: « . . . كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيا ساۋابىنى بېرىمىز ( ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ )؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز ». ( 3 _ سۈرىنىڭ 145 _ ئايىتىدىن ). مۇفەسسىرلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مۇسۇلمان بولغانلىكى ئادەم بۇ دۇنيادا ئاللاغا ئىخلاس بىلەن ئىمان ئېيتسا، شەرىئەتتە بەلگلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلسا، ياخشى ئەمەللەرنى قىلپ، يامانلىقنى چەكلىسە، ئاللا ئۇنىڭغا بۇدۇنيادا ياخشىلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت _ سائەدەتنى ئىلتىپات قىلىدۇ، ئۇنداق ئادەمنى ئۇ دۇنيادىمۇ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇ سۆزنى ئىشلەتكەندە، قارشى تەرەپكە رەھمەت _ تەشەككۇر ئېيتىش ھەم ئاللادىن ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىشنى تىلەش مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى <دىن> دىنىي ئەقىدە بويىچە خۇدانىڭ مەرھىمىتىگە لايىق ئىش - ئەمەل.
- ئاجىز - ئورۇقلارغا ياخشىلىق قىلىش ساۋاب ،- دېدى ئۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ.
ئى. كۆچمە. ياخشى ئىش، ياخشىلىق.
ساۋابنىڭ كۆتى تۆشۈك (ماقال).
سۈپ. ئارتۇق، ئەۋزەل، ياخشى.
دادام رەھمىتىمۇ <يەر كۆكەرتكەندىن ساۋاب ئىش يوق، شۇڭا، دېھقانغا جەننەتنىڭ ئىشىكى ئوچۇق> دەيتتى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، مۇھەممەت باغراشنىڭ تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <سەپداش>، <ساۋابداش> قاتارلىق 10 پارچە ھېكايىسى ۋە <يىراقتىن ئالقىش>، <نەۋقىران بۈركۈت> قاتارلىق ئوچېركلىرى كىرگۈزۈلگەن.