Uyghur主要词典
ساتمار سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
1711- يىلى ئاۋستىرىيە بىلەن ۋېنگرىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. ئاۋسترىيە ۋېنگرىيىدىكى <كرۇسى> دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1711 - يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئاۋسترىيە كورۇلى يوسىف Ⅰ بىلەن ۋېنگرىيە ۋەكىلى ساتمار (ھازىرقى رومىنيىدىكى ساتومارې) دا سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن ۋېنگرىيە قوزغىلاڭچىلارنى قورالسىزلاندۇرۇش، ئاۋسترىيە كورۇلىغا سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىشكە ماقۇل بولغان؛ ئاۋسترىيە بولسا ۋېنگرىيە ئاساسىي قانۇنى ۋەئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاقسۆڭەك قوزغىلاڭچىلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھەم ئۇلارنىڭ خوجىلىق يەرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە؛ <قانلىق سوت> نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ماقۇل بولغان. ئاۋسترىيە يېڭى كورۇلى چارلىس Ⅵ تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1712 - يىلى تاج كىيىپ ۋېنگرىيە كورۇلى بولغان ھەمدە بۇ سۈلھ شەرتنامىنى تەستىقلىغان.