Uyghur←Chinese主要词典
سارماتىلار
تارىخ
素罗马特人
sù luó mǎ tè rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
萨尔马特人
sà ěr mǎ tè rén
سارماتىلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى كەڭ رايوندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى.
سارماتىلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ئىران تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ئىران تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى شىمالىي ئىران تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىل بىلەن سۆزلىشىپ كەلگەن.
سارماتىلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدە قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي يەنى ئارال دېڭىزى قىرغاقلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي رايونىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە، غەربىي شىمال تەرەپكە كۆچۈپ، ئورال ئېدىرلىقى ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە، ئورال دەرياسى بىلەن دون دەرياسى ئارىلىقىدىكى يايلاقلارنى ئىشغال قىلىۋالغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىكىفلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگە كەلگەندە سىكىفلار قەبىلىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، جەنۇبىي روسىيە يايلىقىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.
سارماتىلار مىلادى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن دۈشمەنلىشىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان؛ Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە داكىيە (ھازىرقى رۇمىنىيە ئەتراپى) گە بېسىپ كىرگەن. Ⅲ ئەسىرگە كەلگەندە گوتلار، ئۇنىڭدىن كېيىنرەك ھۇنلار ۋە ئاۋارلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ زەئىپلەشكەن.
سارماتىلار ئوتقا چوقۇنغان، تەڭرىگە ئاتاپ ئاق ئاتنى قوربانلىق قىلغان، سارماتىلاردا ئاياللار بىر نەچچە دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ياتلىق بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيتتى. ئاياللار ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا قاتناشماي ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇراتتى.
سارماتىلار مېيتنى بىر مۇنچە ئاخىرەتلىكلىرى بىلەن قوشۇپ، ئات تېرىسىگە يۆگەپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلاتتى.
سارماتىلار جەڭ قىلىشقا ماھىر مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قورالى نەيزە، قىلىچ ۋە ساۋۇت قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە تۆمۈردىن قورال - جابدۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلگەن.
سارماتىلار قەدىمكى رىم، خارەزم، پېرسىيە ۋە سىر دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەللەر بىلەن ئەلتېرە، ھەسەل، بېلىق ۋە مېتال بۇيۇملىرى قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كەلگەن.
سارماتىلار Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە ئاساسەن تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولۇپ، باشقا مىللەتلەر تەرىپىىدن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان.
دۇنيا تارىخى
萨尔马提亚人
sà ěr mǎ tí yà rén
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ساكاسلار (ساكاس ئۇرۇقى) بىلەن ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئوخشاشلا ھىندى -ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە سىكتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قارا دېڭىزنىڭ شىمال قىرغىقىغا كۆچۈشكەمەجبور بولغان. سارماتىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ماسساگېتلار مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پېرسىيەنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، پادىشاھ كۇرۇسنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ماكېدونىيە ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىⅢ ئەسىردە يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمال قىرغىقىدىكى سىكتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدا يەنە يەنسەيلەر ۋە ئالانىلار قاتارلىق كۆچمەن قەبىلىلەر باش كۆتۈرۈپ، سارماتىئانلار ئاستا - ئاستا خارابلاشقان. قارىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرگىچە سارماتىلاردا ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانغان، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان، سۇ - ئوتلاققا قاراپ ئولتۇراقلاشقان، ئاتمىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ئۇستا، تۇرمۇش ئادىتى سىكتايلارغا بىرقەدەر يېقىنلىشىدۇ.