Uyghur←Chinese主要词典
سارچى
بىئولوگىيە
蕨
jué
غولقانات ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۆسۈملۈك تۈپ ئېگىزلىكى بىر متېرغا يېتىدۇ. يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن بولۇپ توغرىسىغا ئاچىماقلىنىدۇ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك يۇمشاق تۈكى بولىدۇ. يوپۇرمىقى چوڭ، كۆپ قايتىلانغان (4 ~ 3) پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، ئازراق تېرىلىشىدۇ. كىچىك پەيسىمان يوپۇرماق ئوقى ۋە ئاساسىي تومۇرنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە شالاڭ تۈك بولىدۇ. يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ ئۈچ بۇرجەك ياكى ئېللىپىسسىمان ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك بولۇپ، ئۈچ قايتىلانغان ياكى تۆت قايتىلانغان پەيسىمان ھالەتتە يېرىلىدۇ، قايتىلانمىغان كىچىك پەيسىمان ياكى يېرىلغان يوپۇرماق ئېللىپىسسىمان بولىدۇ. گىرۋىكى تولۇق ياكى تۆۋەن قىسىمدا 1 - 3 جۈپ تىرەن يېرىقچە، ياكى دولقۇنسىمان يۇمىلاق چىش بولىدۇ، يان تومۇرى ئىككىگە ئاچىماقلىنىدۇ، سپورا خالتا توپى كىچىك تومۇرنىڭ ئۇچىدىكى تۇتاشتۇرغۇچى تومۇرنىڭ ئۈستىدە ئۆسۈپ، يوپۇرماق گىرۋىكىنى بويلاپ تارقىلىدۇ. سپورا خالتا يېپىنچىسى يولسىمان بولۇپ، يەنە يوپۇرماق گىرۋىكىنىڭ ئىچىگە قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان يالغان يېپىنچىسى بولىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلىدۇ؛ ئۇ دۇنيادىكى مۆتىدىل ۋە ئىسسىق بەلباغلارغىمۇ تارقىلىدۇ. ئورمان ياقىسى ۋە قاقاس دۆڭلۈكلەردە ئۆسىدۇ. يۇمران ۋە يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، يىلتىز ۋە غولىدىن چىقىدىغان كراخمال <سارچى كراخمالى>، <تاغ كراخمالى> دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئۇرۇقلاندۇرغۇچى يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورىغا قوشۇلىدۇ، نەم يولنى ھەيدەش، سۈيدۈكن راۋانلاشتۇرۇپ ئىسسىقنى تارقىتىش، سوڭى چىقىپ قېلىشنى داۋالاش ۋە مەددە چۈشۈرۈش روللىرىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ تالاسىدىن كابېل ياسىسا ۋە نەملىككە چىداملىق بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
粉蕨
fěn juéDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
萨尔奇
sà ěr qíDئۆسۈملۈك
拳头菜
quán tóu càiDيېزا ئىگىلىك
蕨菜
jué càiDئۆسۈملۈك
蕨
juéDئۆسۈملۈك
龙爪菜
lóng zhǎo càiDئۆسۈملۈك
锯菜
jù cài