Uyghur←Chinese主要词典
ساراۋاك
تارىخ,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
沙捞越
shā lāo yuè
دۇنيادىكى شەھەرلەر
沙捞越
shā lāo yuè
مالايسسانىئەڭ چوڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ، بورنىئو ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شىمالىي قىسمى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا ھىندۇنېزىيىنىڭ كالىماتان ئۆلكىسى بىلەن، شەرقتە بېرونى ھەم سابالار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 120 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 160 مىڭغا يېتىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 50% نى يەرلىك مىللەتلەر، 30% نى خەنزۇلار، 18% نى مالاي مىللىتى، قالغىنىنى باشقىلار تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى كوچىنگ شەھىرى. يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. دەريالىرى كىچىك، سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول، ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 22℃-31℃ قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 3000-4000 مىللىمتېر، شەرقىي جەنۇبتىكى تاغلىقلاردا 5000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز ھەم ئاليۇمىن توپىسى، ئالتۇننى ئاساس قىلىدۇ. ساراۋاك 1868 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ قوغداش دائىرىسىدىكى دۆلەت بولغان. 1941 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1946 - يىلى ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىككە ئايلانغان. 1963 - يىلى مالايسىيانىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قوشۇلغان. بۇ جايدا ئورمان بايلىقى مول، يېزا ئىگىلىكىدە كاۋچۇك، كاۋاۋىچىن، شىگو، شال، ياغلىق پالما ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە نېفىت ئايرىش، ئاليۇمىن، ياغاچچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. قاتناش ترانسپورتىدا دېڭىز ترانسپورتىنى ئاساس قىلىدۇ، تاشيوللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5423 كىلومېتىرغا يېتىدۇ (1983). چەت ئەللەرگە نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ، كاۋچۇك، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا، قاتناش ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك ھەم خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ.