Uyghur←Chinese主要词典
ساراي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
重臣会议
zhòng chén huì yì
ۋەزىرلەر راداسى ياكى ساراي دۇماسى دەپمۇ ئاتالغان. ⅥⅩ ئەسىردە روسىيە چار پادىشاھى تەسىس قىلغان ئالاھىدە يىغىن. كېيىن كىنەز كۇربىسكىي (1528 - 1583) <ئەتىۋارلىق ۋەزىرلەر يىغىنى> دەپ ئاتىغان. 1547 - يىلى ئىۋان Ⅳ موسكۋا قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى چەكلەپ، مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتكەندە تەشكىللەنگەن. بۇنىڭدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلار ئاقسۆڭەك ئاداشېۋ (؟ - 1561)، ئوردا مېسسىئونىرى سىلۋېستىر (؟ - 1566)، ئارخېئېپىسكوپ ماكارىي (1482 -1563) ۋە كورېسكىيلاردىن ئىبارەت. بۇ يىغىننىڭ ھوقۇقى چوڭ، بەزى چاغلاردا ھەتتا ياش ئىۋان Ⅵ مۇ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ زور سىياسىي ئىشلارنى بەلگىلىيەلمەيتتى. 1555 - يىلدىن كېيىن ئىۋان Ⅳ بىلەن <ساراي يىغىنى> نىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا لىۋونىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ تۇغۇلغان. بەزى چوڭ فېئوداللار مۇنارخىيىنى ئاجىزلىتىش قەستىدە بولۇپ، ئىچكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان. ئىۋان Ⅳ بۇنىڭغاقارىتا كەسكىن تەدبىر قوللانغان. 1560 - يىلى ئاداشېۋ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، موسكۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. سىلۋېستىرمۇ سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭدىن تارتىپ <ساراي يىغىنى> ئەمەلدىن قالغانىدى.