Uyghur主要词典
ساقلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل(«ساق»قا پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە «لا» قوشۇلغان) .
1 . ساقلىماق، ساقلاش.
تەرتىپ ساقلىماق. * ئېغىز ساقلىغان جان ساقلار (ماقال) . * ئابرويۇڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا (ماقال) . * قىزنى ئانىسى ساقلىسۇن، ئوغلىنى ئاتىسى ساقلىسۇن (ماقال) . * خۇدا ساقلىسۇن (ئادەت سۆزى).
2 . ئۇزاق ۋاقىت ئەينەن تۇتماق. بۇ ھاراقنى ئون يىل ساقلىدىم. * ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ ياخشىلىرىنى ساقلاش لازىم. * قىز ساقلىغۇچە، تۇز ساقلار (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ساقلىماق، ساقلاش. كۈتمەك، كۈتۈپ تۇرماق.
سېنى كۆپ ساقلىدۇق. * سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، بېرىپلا كېلىمەن.