Uyghur主要词典
ساپ تۈرنى ئايرىش
بىئولوگىيە
بىر تۈردىن ئارتۇق ئارىلاش مىكرو ئورگانىزملار ئۈلگىسى ئىچىدىن مەلۇم بىر مىكرو ئورگانىزمنى ئايرىپ چىقىپ ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. مىكرو ئورگانىزملار ئادەتتە ئىككى خىل ئۇسۇلدا ساپلاشتۇرۇلىدۇ. بىرى، قاتتىق ئۆستۈرگۈچ ئۈستىدىكى تاق باكتېرىيە تۈپىنى سىزىق سىزىش ئۇسۇلى ياكى سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئايرىپ چىقىپ، يەككە باكتېرىيە تۈپىنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۆپ قېتىم ئايرىپ ساپلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم بىر مىكرو ئورگانىزمنىڭ ساپلاشتۇرۇلغان تۈپىگە ئىگە بولۇش؛ يەنە بىرى، مىكروسكوپنىڭ تىزگىنلەش ئەسۋابى ياكى باشقا مىكروسكوپ تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە مىكرو ئورگانىزمنىڭ يەككە ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىققاندىن كېيىن ئۆستۈرۈش. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل ئىچىدە ئالدىنقىسى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.