ساپلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك مېتاللاردىن ياسالغان، ساپ بېكىتىلگەن چۆمۈچ:[مىسال:] ئاشپەز ئۇستام قولىدىكى ساپلىقىنى ئوچاق بېشىدا قويۇپ، ئۇدۇللا، ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىغا بار.[يەشمىسى:] ② سېپى بار كىچىك قازان:[مىسال:] ئاشپەز بېلىقلارنى يۇيۇپ-تازىلاپ، ساپلىققا سېلىپ، ئوت يېقىپ قورۇشقا باشلاپتۇ.