Uyghur←Chinese主要词典
ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
纯培养
chúnpéiyǎng
بىر دانە مىكرو ئورگانىزم ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ ھاسىل قىلغان ئەۋلاد، يەنى مىكرو ئورگانىزم يەككە ھۈجەيرىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىنكى مەھسۇلات ياكى يەككە ھۈجەيرىنىڭ جىنىسسىز كۆپىيىش سىستېمىسى. مىكرو ئورگانىزملار تۈز تاختاي ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يەككە باكتېرىيە تۈپىنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ بىر دانە مىكرو ئورگانىزم ياكى مىكرو ئورگانىزم بىرلىكى (مىكرو ئورگانىزم زەنجىرسىمان تۇتىشىپ ياكى كەللەكلىشىپ) كۆپىيىپ ھاسىل قىلغان ئۆستۈرۈش مەھسۇلاتى بولىدۇ. ساپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈلگەن مىكرو ئورگانىزملار ھەر خىل مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.