Uyghur←Chinese主要词典
سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى圣伊尔德丰索条约
shèng yī ěr dé fēng suǒ tiáo yuē
1796 - يىلى 8 - ئايدا ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيە ئىسپانىيەنىڭ سان ئىلدېفونسو دېگەن يېرىدە ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ <ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقى> تۈزۈپ، بىر تەرەپ ئۇرۇشقا دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپ دەرھال 25 ھەربىي كېمە، 18 مىڭ پىيادە ئەسكەر ۋە يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسپانىيەنىڭ فرانسىيەدىن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەبىنى ئىزاھلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولماسلىقمۇ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە بويىچە ئىسپانىيە 1797 - يىلى ئەنگىلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پاجىئەلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ھەربىي فلوتى ئەترىتى سېنت ۋىنسېنت تۇمشۇقىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا تارمار بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。