Chinese→Uyghur主要词典
三维结构
كومپيۇتېر,ماتېماتىكا
sān wéi jié gòu
ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلما
بىئولوگىيە
ئۈچ ئۆلچەملىك تۈزۈلۈش
يەنى <ستېرېئو تۈزۈلۈش> ياكى <بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈش> ۋە ياكى <يۇقىرى دەرىجىلىك تۈزۈلۈش> - دەپ ئاتىلىدۇ. مولېكۇلىدىكى ئاتوم ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ بوشلۇقتىكى ئورۇنلاشقان ئورنى ھەمدە ئاساسىي زەنجىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئۈچ سەۋىيىدىكى تۈزۈلۈش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئىككىنچى دەرىجىلك تۈزۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ، ئاقسىل مولېكۇلىسىغا نىسنەتەن، پولى پېپتىدنىڭ كوۋالېنتلىق ئاساسىي زەنجىرىنىڭ ھىدروگېنلىق باغلار ئارقىلىق بىر يۆنىلىشنى بويلاپ تىزىلغان دەۋرىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان كونفورماتسىيە بىرلىكىگە قارىتىلغان، مەسىلەن، α - بۇرمىلىق، β - قاتارلىقلار. DNA مولېكۇلىسىغا نىسبەتەن، ئىككى تال قارىمۇ قارشى پاراللېل يۆنىلىشلىك پولى نۇكلېئوتىد زەنجىرىنىڭ مەركىزىي ئوقىنى ئايلىنىپ ھاسىل قىلغان قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشكە قارىتىلغان. ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوڭ قول بۇرمىلىق بولۇپ، ئاز ساندىكى سول قول بۇرمىلىق تۈزۈلۈشىمۇ تېپىلغان. RNA نىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى بولسا، قىسمەن قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشى بىلەن قىسمەن پۇلتايغان ھالقىسىمان تۈزۈلۈشلىرى ئارىلاپ تىزىلغان ئۈچ ئۇلاق ئوتسىمان تۈزۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ. (2) ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى: ئاقسىل مولېكۇلىسىدىكى پولى پېپتىد زەنجىرىنىڭ خىلمۇ خىل ئىككىنچى دەرىجىلىك باغلارنىڭ ياردىمىدە ھاسىل بولغان زىچ شارسىمان تۈزۈلۈش كونفورماتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈش ئاساسىدا يەنە بۇرۇلۇپ، قاتلىنىپ، يۆگىشىدۇ ۋە β - قاتلىنىدۇ. DNA مولېكۇلىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى دەرىجىدىن تاشقىرى بۇرمىلىق، ئوچۇق ھالقىلىق، قوش زەنجىرلىك ھالقىسىمان تۈزۈلۈشلەرنى كۆرسىتىدۇ. tRNA نىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى ئۇنىڭ L شەكىللىك تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. (3) تۆتىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى: ئولىگو ئاقسىللاردىكى ھەر قايسى سۇب رادىكاللىرىنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان كونفورماتسىيىسىدىكى ھەر قايسى دۇب رادىكاللىرىنىڭ بىرىكىش شەكلى ۋە بوشلۇقتىكى تىزىلىش شەكلىگە مەخسۇس قارىتىلغان.