Uyghur←Chinese主要词典
سانت جونسون ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
圣约翰岛
shèng yuē hàn dǎo
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى تەركىبىدىكى ئا ق ش غا قاراشلىق ۋېرگىن تارقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى بىر ئارال. ئۇنىڭ ئورنى سانتوماس ئارىلىدىن دەل 5 كىلومېتىر شەرققە توغرا كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر، كەڭلىكى 8 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى 50 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 3000 دىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپىنى نېگىرلار، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئھالىنىڭ كۆپى ئارالنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى مەركىزىي كروزباي شەھىرىگە مەركەزلەشكەن. ئارالنىڭ يەر شەكلى تاغلىق بولۇپ، ياخشى پورتلار كۆپ. ئورمان بايلىقى مول.ئىقتىسادىدا ساياھەتچىلىك ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئارالدىكى يەرلەرنىڭ 4/3 قىسمى باغلارغا ئايلاندۇرۇلغان. ساياھەتچىلىكتىن قالسا چارۋىچىلىق، لائور دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى يىغىش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لائور دەرىخىنىڭ سانتوماس ئارىلىغا چىقىرىلىپ ئەتىر زاۋۇتلىرىغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ.