Chinese→Uyghur主要词典
三手米
دۇنيا تارىخى
ئۈچ ماھىرغا ئاتاپ يىغىۋېلىنىدىغان ئاشلىق
چاۋشيەن لى سۇلالىسىدىكى يەر بېجىنىڭ بىرى. 1592 - يىلى (شۈەنزۇ 25 - يىلى)، ياپونىيىدىكى تويو تومى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى مىڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان ھەمدە تەلىم - تەربىيە نازارىتى تەسىس قىلغان. ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلارنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەرگەن، توپچى، قاتىللارنى يېتىشتۈرگەن، ئەسكەر يېتىشتۈرۈش خىراجىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، 1602 - يىلى (شۈەنزۇ 35 - يىلى) كيوڭشاڭ، چوللا، چۇڭچوڭ، كاڭۋون، خۇاڭخا، كيوڭگىدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھەربىر ھۆججەتكە ئىككى كۈرە، ئىككى شىڭ ئاشلىقنى قوشۇۋالغانلىقتىن، ئۈچ ماھىرغا ئاتاپ يىغىۋېلىنغان ئاشلىق دەپ ئاتالغان، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە باج كېيىمۇ ئۇزاق مۇددەت ئېلىنغان، 1894 - يىلى (گاۋزۇڭ 31 - يىلى) جياۋۇ يېڭىلاش مەزگىلىدىلا بىكار قىلىنغان.