Uyghur主要词典
سانىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېساب دەپ بىلمەك.
ئوغرى ئوغرىلىغان مېلىنى بەخت سانايدۇ. قاغا بالىسىنى ھەممىدىن چىرايلىق ھېسابلايدۇ. بىر قارلىغاچ كەلگەنگە باھار سانالماس، يالغۇز مەيدانغا چۈشكەن باتۇر ھېسابلانماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - سانىقىنى ئېنىقلىماق.
قانچە سانىساڭمۇ يۈزنىڭ يېرىمى ئەللىك. سانىماي «سەككىز» دېمە. ئىشنى ئېدىتلاپ قىل. باشاق ھېسابلىماي، چاناق ھېسابلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر - بىردىن، دانىمۇدانە ئۆتكۈزۈپ سانىنى ئېلىپ چىقماق، سان - مىقدارىنى ھېسابلىماق.
يېنىدا بىر پۇلى يوق تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ (ماقال).
سەن تاش سانىساڭ، خەق قۇم سانايدۇ (ماقال).
بىر - بىرلەپ تىلغا ئالماق، ئېيتىپ ئۆتمەك.
ئالۋان - سېلىقى سانسىز، سانىساڭ يېتىشمەس سۆز. باھانە، سەۋەبى تولا، بايلار تويمىغۇر، ئاچ كۆز.
كۆچمە. ھېسابلىماق، دەپ بىلمەك.
- ئېيتقىنا، كىم ئارزۇگۈلنى يىگىتلەردىن كەم سانايدۇ؟ - دېدى پاتىمە.