Uyghur主要词典
سانجو سانېتومى
دۇنيا تارىخى
(1837 - 1891)ياپونىيە مېيجى دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىر. كيوتودىكى ئوردا مۆتىۋەر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېنوتاكاشى ئاكىرانىڭ مۇلازىمى. سول قول مۇھاپىزتچىلەر گېنېرال لېيتېناتى، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان. پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، چەتئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ تېنونى چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشقاشەخسەن ئۆزى ئاتلىنىشقا قۇتراتقانلىقتىن، 1863 - يىل 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ناگاسۇغا قېچىشقا مەجبور بولغان، 1865 - يىلى 1 - ئايدا ۋەزىرلەر مەھكىمىسىگە (شىمالىي كيوسىيودا) بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، پايتەختكە قايتىپ كېلىپ، مەسلىھەتچى، مۇئاۋىن ھۆكۈمدار، مەسلىھەتچى قوشۇمچە ياردەمچى ۋەزىر، كانتوننىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1869 - يىلدىن باشلاپ ئوڭ قول ۋەزىر بولغان. 1871 - يىلى تەيجېڭ ۋەزىرى بولغان. 1885 - يىلى ئىچكى كابېنت تۈزۈمى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن كابىنتى ئومۇميۇزلۈك ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سۈپىتى بىلەن ۋاقىتىلىق كابېنت باش ۋەزىرلىكىنى تا 12 - ئايدا ياماكاكې كابىنېتى تەشكىللىگىچە قوشۇمچە ئۆتىگەن.